ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنى تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى باشلاشقا چاقىردى

ئەزەربەيجان ئەرمىنىيەنى تىنچلىق كېلىشىمى ئۈچۈن ئىككى تەرەپلىك بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاشقا چاقىردى.

2067365
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنى تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى باشلاشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ تىنچلىق كېلىشىمى لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇشى ئۈچۈن تەخمىنەن 2.5 ئاي ۋاقىت كېتىشىنىڭ، سۆھبەت مۇساپىسىنى ئېغىر دەرىجىدە كېچىكتۈرۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ توختاپ قېلىشىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «ئەزەربەيجان تىنچلىق كېلىشىمىنى تېزدىن ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ئەرمېنىيە بىلەن بىۋاسىتە (ۋاسىتىچىسىز) ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋىتىگە بىرلىكتە قارار قىلىشى كېرەك دەپ قارايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا قوبۇل قىلالايدىغان بىر جايدا ياكى چېگرادا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىش قاتارلىق تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ داۋاملىشىشىغا پايدىلىق قەدەملەرنى تاشلاش مەسئۇلىيىتى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا يەنە: «بىز ئەرمېنىيە تەرەپنى يېڭى كېرەكسىز كېچىكىشلەردىن ساقلىنىپ، سۆھبەتلەرنى تېزدىن باشلاش ئۈچۈن، بۇ چاقىرىقىمىزغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلدى.

ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجاننىڭ تىنچلىق كېلىشىمى لايىھەسىگە 2.5 ئاي كېچىكتۈرۈپ جاۋاب قايتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر