ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقى خاتىرىلەندى

ئامېرىكادىكى تۈرك جەمئىيەتلىرى ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ بۇنىڭدىن 79 يىل مۇقەددەم سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلاندى.

2063682
ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقى خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادىكى تۈرك جەمئىيەتلىرى ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ بۇنىڭدىن 79 يىل مۇقەددەم سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، مارىلەند ئىشتاتىنىڭ خاگېرستاۋن شەھىرىگە جايلاشقان ئامېرىكا-تۈركىيە مەدەنىيەت مەركىزىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

دۇنيا ئاھىسكا تۈركلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكادىكى ۋەكىلى شۇھرات تەمىروۋ سۆز قىلىپ، تارىخنى يېڭى ئەۋلادلارغا خاتىرىلىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە، ئاھىسكا مىراسلىرىغا ئىگە چىققان تۈركىيەگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىسى ھەسەن مۇرات مەرجان ئانادولۇنىڭ ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭمۇ ۋەتىنى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئاھىسكا تۈركلىرىگە پۇقرالىق بېرىش ئىشلىرىنىڭ سۈرئەت بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

پائالىيەتكە، تۈركىيە باش ئەلچىسى ھەسەن مۇراتتىن باشقا، ئەزەربەيجان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ مۇئاۋىن باش ئەلچىلىرى، ئامېرىكا-تۈركىيە جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

ئاھىسكا تۈركلىرى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ستالىن تەرىپىدىن 1944-يىلى 14-نويابىر سۈرگۈن قىلىنغان. 100 مىڭدىن ئارتۇق ئاھىسكا تۈركىنىڭ كۆپىنچىسى يولدا ھەر خىل كېسەللىك ۋە ئاچارچىلىق تۈپەيلىدىن جېنىدىن ئايرىلغان. سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرگە كۆچكەن.

بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 600 مىڭدىن ئارتۇق ئاھىسكا تۈركى ياشىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر