ئەردوغان بۈگۈن ئۆزبېكىستانغا بارىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 16-نۆۋەتلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بۈگۈن (2023-يىلى 8-نويابىر) ئۆزبېكىستانغا يتىپ بارىدۇ.
2061716

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، زىيارەت دائىرىسىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 9-نويابىر پەيشەنبە كۈنىدىكى باشلىقلار يىغىنىدا، نۇتۇق سۆزلەيدىكەن ۋە يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىشلاردا بولىدىكەن.
رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە، «تۈركىيە قۇرغۇچى ئەزاسى بولغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇش، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا سودا، قاتناش تورى ۋە ئالاقىنى ياخشىلاش» قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.