قاراباغدىكى ئەرمېنىيە گۇرۇپپىلىرى قورال تاشلىدى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاراباغدىكى ئەرمېنىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ قورال تاشلىغانلىقىنى ۋە ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2039973
قاراباغدىكى ئەرمېنىيە گۇرۇپپىلىرى قورال تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، قاراباغدىكى ئەرمېنىيە ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ رۇسىيە تىنچلىق سالاش قىسىملىرى ئارقىلىق سۇنغان ئىلتىماسىنى نەزەردە تۇتۇپ، يەرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ماددىلار ئورۇن ئالدى:

1 - ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىدا تۇرۇشلۇق ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرى ۋە قانۇنسىز ئەرمېنىيە قوراللىق گۇرۇپپىلىرى قورال تاشلايدۇ. ئۇرۇش مەيدانى ۋە ئىستىھكاملىرىنى تاشلاپ، پۈتۈنلەي قورالسىزلىنىدۇ. ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرى ئەزەربەيجان زېمىنىدىن چېكىنىدۇ. قانۇنسىز ئەرمېنىيە قوراللىق گۇرۇپپىلىرى تارقىتىۋېتىلىدۇ.

2- بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا بارلىق قورال، ئوق-دورا ۋە ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىللار (ئەزەربەيجان قىسىملىرىغا) تاپشۇرىلىدۇ.

3- يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جەريانلارنىڭ رۇسىيە تىنچلىق قىسىملىرى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەتە يەۋلاھ شەھىرىدە قاراباغدىكى ئەرمەنلەر نوپۇسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن قايتىدىن ماسلىشىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بىر يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر