تۈرك دۆلەتچىلىك تارىخى قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشتى

قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 100 - يىللىقىغا بېغىشلانغان 1 – نۆۋەتلىك تۈرك دۆلەتچىلىك تارىخى قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشتى.

2038315
تۈرك دۆلەتچىلىك تارىخى قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دائىرىسىدىكى تۈرك ئاكادېمىيەسى بىلەن ئاتاتۈرك كۈلتۈر، تىل ۋە تارىخ ئالىي ئىدارىسى ئىچىدىكى تۈرك تارىخ جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن قۇرۇلتاي، قىرغىزىستان مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن  14 - سىنتەبىردىن 16-سېنتەبىرگىچە ئىسسىق كۆل رايونىغا قاراشلىق چولپون-ئاتا شەھىرىدە قوبۇل قىلىنغان «خۇلاسە دوكلاتى» بىلەن ئاخىرلاشتى.

قۇرۇلتاينى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈش، مونوگرافىيە ئىلمىي تەتقىقاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىلمىي مۇندەرىجىلەرنى ئېلان قىلىش، ئالاھىدە كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۆز-ئارا تەسىر كۈچى يۇقىرى مۇنبەرلەرنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىش قارار قىلىندى.

تارىخىي يىپەك يولى لىنىيەسىگە جايلاشقان خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي، تىجارىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە مەنىۋى رىسشتىلەرنىڭ تەتقىق قىلىنىشىنى نىشان قىلغانلىقى شۇنقداقلا كونكېرت ۋە كونكېرت بولمىغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ تارىخىغا ئالاقىدار تەتقىقاتلارنى كۈچەيتىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە بۇ ساھەدە ئىلمىي ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئالاھىدە بىر ئىلمىي مۇنبەر قۇرۇش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە ئالاقىدار ئورگانلارغا خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئاساس قىلغان «تۈرك ئانسىكلوپېيەدىيەلىك تۈرك دۆلەتچىلىك تارىخى ئاتلىسى» قامۇسى تەييارلاش تەۋسىيە قىلىندى.

1 - نۆۋەتلىك تۈرك دۆلەتچىلىك تارىخى قۇرۇلتىيى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر، بۇلغارىيە ۋە ئۇكرائىنادىن كەلگەن ئاكادېمىكلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى.

قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان خۇلاسە دوكلاتى تۈرك دۇنياسىنىڭ كەلگۈسى ۋە بىرلىكىگە تۆھپە قوشۇشنى نىشان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر