بايراموۋ ب د ت يىغىنىدا قۇرئان كەرىمگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار توغرىسىدا توختالدى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بەزى دۆلەتلەردە پىكىر ئەركىنلىكى تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا بىھۆرمەتلىك قىلىشنىڭ «ئۆچمەنلىك جىنايىتى» شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2037078
بايراموۋ ب د ت يىغىنىدا قۇرئان كەرىمگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايراموۋ شىۋىيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە داۋام قىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 54- نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئەزەربەيجاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ۋە باشقا خەلقئارالىق ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلگەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىنى قوغداۋاتقانلىقىنى  تىلغا ئالغان بايراموۋ، ئەزەربەيجاننىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تولۇق يولغا قويۇلۇشىنى سىجىل تىنچلىق، تەرەققىيات ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئەزەربەيجاننىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ساداقىتىدە مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ساھەدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بايراموۋ ئۆزلىرىنىڭ كۆرەلمەسلىك، كەمسىتىش، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئۆچمەنلىك قىلىمىشلىرىدىكى كۆپىيىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ پوزىتسىيە جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىناقلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە. دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا پىكىر ئەركىنلىكى تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا بىھۆرمەتلىك قىلىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ ۋە بۇنداق  قىلىش ئۆچمەنلىك جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنىڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە ئېلىنىشى ۋە بۇلارغا قارشى تۇرۇش خەلقئارانىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر