ئەزەربەيجاندا باشقۇرۇلىدىغان بومبا مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى
ئەزەربەيجان ھاۋا ئارمىيەسى ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى «Barak 8-ER» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مانېۋىرى ئۆتكۈزدى.
2036815

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پىلانلىق مانېۋىر دائىرىسىدە، سمۋول خاراكتېرلىك دۈشمەن قويۇپ بەرگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار «چاقماق 8-ER» ناملىق «Barak 8-ER» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، مانېۋىردىن مەقسەت ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ھەربىي خادىملار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش ئىكەن.