مۇستاپا شەنتوپ ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىق بايرىمىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستاپا شەنتوپ تۈنۈگۈن (28-ماي) ئەزەربەيجان مۇستەقىللىقىنىڭ 105 - يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
1992188

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا شەنتوپ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا«# TekMilletİkiDevlet» (بىر مىللەت ئىككى دۆلەت) دېگەن خەتكۈچ بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.
مۇستاپا شەنتوپ ئۇچۇرىدا: «دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت جان ئەزەربەيجاننىڭ 28-ماي مۇستەقىللىق بايرىمى مۇبارەك بولسۇن، ۋەتەن ئۈچۈن شۇنداقلا مۇستەقىللىق ئۈچۈن شېھىت بولغان قەھرىمانلىرىمىزنى ھۆرمەت ۋە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش بىلەن ئەسلەيمەن» دېدى.