ئەزەربەيجاندا خاتاي تائاملىرى تونۇشتۇرۇلدى

ئەزەربەيجاندا تۈركىيە تائاملىرى ھەپتىلىكى پائالىيىتى دائىرىسىدە، خاتاي تائاملىرى تونۇشتۇرۇلدى.

1991742
ئەزەربەيجاندا خاتاي تائاملىرى تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايالى ئەمىنە ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 21-مايدىن 27-مايغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەبرىكلىنىدىغان تۈركىيە يېمەك-ئىچمەك ھەپتىلىكى پائالىيىتى دائىرىسىدە، تۈركىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا مەخسۇس پىروگرامما ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاھىت باغچى ۋە ئايالى لەيلا باغچىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئەلچىخانا تۇرالغۇسىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىروگراممىغا، باكۇدا تۇرۇشلۇق ھەر قايسى دىپلوماتىك خادىملارنىڭ ئاياللىرى قاتناشتى.

پىروگراممىدا، خاتاي تائاملىرىدىن قىزىلمۇچ بولكىسى، تەخسە كاۋىپى، تۇخۇم كاۋىپى، خاممۇس ۋە كۇنەفە قاتارلىق تاماقلار ۋە تاتلىق تۈرۈملەر مېھمانلارغا سۇنۇلدى.

لەيلا باغچى مېھمانلارغا خاتاينىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىۋى يېمەكلىك كۈلتۈرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر