تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى 19-مايدا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پورتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ
تۈركىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى 19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى پائالىيىتى دائىرىسىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پورتلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ.
1988131
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىخەتەرلىك قىسىملىرى قوماندانلىق ئىشتابى(GKK) نىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىغا تەۋە ئۇرۇش پاراختلىرىدىن «TCG İmbat » ۋە «TCG Bozcaada» نىڭ 19 - مايدا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتدە ئاممىنىڭ زىيارىتىگە ئېچىۋېتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، 19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى پائالىيىتى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پروگراممىدا، «TCG İmbatP-335» تورپېدو پاراخوتىنىڭ گىرنە ساياھەت پورتىدا ۋە «(F-500)TCG Bozcaada» كورۋېت پاراخوتىنىڭ غازى ئوسمان پاشا پورتىدا جۈمە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 17:00 گىچە زىيارەتكە ئوچۇق بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.