ئۆزبېكىستاندا ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمى ئۈچۈن ئاۋاز تاشلاش باشلاندى
ئۆزبېكىستاندا 30-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمى ئۈچۈن مۇددەتتىن ئىلگىرى ئاۋاز تاشلاش باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، رېفېراندۇم كۈنى دۆلەتتە ياكى نوپۇسى بار جايدا بولمايدىغان پۇقرالار، مۇددەتتىن ئىلگىرى ئاۋاز تاشلاش ئۈچۈن، ئايروپىلان بېلىتى، خىزمەت مۇناسىۋىتى ياكى ساياھەت ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ، سايلام پونكىتى مەسئۇللىرىغا ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن.
قەيت قىلىنىشىچە، مۇددەتتىن ئىلگىرى ئاۋاز تاشلاش ئىشلىرى 26-ئاپرېل ئاخىرلىشىدىكەن.
ئۆزبېكىستاندا تىزىمغا ئالدۇرغان سايلىغۇچىلار 21 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمى ئۈچۈن 11 مىڭغا يېقىن سايلام ساندۇقى تەسىس قىلىندى. چەت ئەلدىكى پۇقرالارمۇ تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 39 دۆلەتتە تەسىس قىلىنغان 55 سايلام ساندۇقىغا ئاۋاز تاشلىيالايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.