توقايېۋ: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەر توقايېۋ ئىچكى بىخەتەرلىككە، مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە، قازاقىستان ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

1977271
توقايېۋ: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ بارلىق يۇقىرى قاتلامدىكىلەر بىلەن دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا يىغىن ئاچتى.

ئۇ قازاقىستاننىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، كونا پىروگراممىلارنىڭ ھازىرقى دەۋردە قىممىتىنى يوقاتقانلىقىنى، شۇڭا دۆلەت ئۈچۈن يېڭى تەرەققىيات پىلانىنىڭ تۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۇنيادا سودا چەكلىمىلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچسىزلىكنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىدا ھازىرغىچە چەت ئەلگە تايىنىدىغانلىقلىرىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ:  «كاپىتالىنى چەت ئەلگە يۆتكىگەنلەر» گە خىتاب قىلىپ، ئەگەر ئۇلار دۆلەتكە مەبلەغ سالسا، ئۇلارغا قارشى ھېچقانداق تەدبىر قوللىنىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

ئۇ دۇنيادا مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ سەۋەبتىن، ئىچكى بىخەتەرلىككە، مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە، قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر