ئەزەربەيجان بىلەن بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

ئەزەربەيجان بىلەن بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئوتتۇرىسىدا «تەبىئىي ۋە باشقا ئاپەتلەردىن قوغدىنىش ساھەسى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالاندى.

1973384
ئەزەربەيجان بىلەن بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا بىخەتەرلىك مىنىستىرى نېناد نېسىچ ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن ئەزەربەيجانغا يېتىپ باردى ۋە ئەزەربەيجاندا جىددىي ئەھۋاللار مىنىستىرى كامالەددىن ھەيداروۋ بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشىتىن كېيىن، نېسىچ بىلەن ھەيداروۋ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا «تەبىئىي ۋە باشقا ئاپەتلەردىن قوغدىنىش ساھەسى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالىدى.

نېسىچ ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، مەرھۇم پىرېزىدېنت ھەيدەر ئەلىيېۋنىڭ قەبرىسىنى ۋە 20-يانۋار شېھىتلىرى دەپنە قىلىنغان قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر