زېلېنسكىي قىرىم مۇسۇلمانلىرى مەركىزىنىڭ ئىپتار پروگراممىسىغا قاتناشتى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىدىكى چايكى يېزىسىغا جايلاشقان «بىرلىك » ناملىق قىرىم مۇسۇلمانلىرى مەركىزىنىڭ ئىپتار پروگراممىسىغا قاتناشتى.

1971882
زېلېنسكىي قىرىم مۇسۇلمانلىرى مەركىزىنىڭ ئىپتار پروگراممىسىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ كىيېۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ياغمۇر ئەھمەت گۈلدەرە، قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ رەھبىرى ۋە ئۇكرائىنا پارلامېنت ئەزاسى مۇستاپا قىرىمئوغلۇ، قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى رىفات چۇباروۋ، دىنىي رەھبەرلەر ۋە ئۇكرائىنادىكى مۇسۇلمانلار قاتناشقان ئىپتار زىياپىتى پروگراممىسىدا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا قازا قىلغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن سۈكۈتتە تۈرۈلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، دۆلىتىدە ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇكرائىنادىكى زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىنىڭ ئەسلىدە رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قانۇنسىز قوشۇۋېلىشى بىلەن باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

زېلېنسكىي: «قىرىمغا نىسبەتەن ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلۇشتىن باشقا تاللاش يوق. قىرىمنىڭ ئۇكرائىناغا نىبەتەنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن قىرىمنى ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن باشقا تاللاش يوق» دېدى.

رۇسىيەنى قىرىمدا «كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن زېلېنسكىي: «بىز قىرىمغا قايتىمىز، ئاندىن تاجاۋۇزچىمۇ يېڭىلىدىغان بولغاچقا پۈتۈن دۇنياغا تىنچلىق قايتقان بولىدۇ» دېدى.

قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ رەھبىرى ۋە ئۇكرائىنا پارلامېنت ئەزاسى قىرىمئوغلۇمۇ زېلېنسكىينىڭ ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشقا قارىماستىن، ئىپتار پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ رەھبىرى ۋە ئۇكرائىنا پارلامېنت ئەزاسى مۇستاپا قىرىمئوغلۇ رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قانۇنسىز قوشۇۋىلىشىغا قارشى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «قىرىمنى ۋە دۈشمەن ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى بارلىق زېمىنىمىزنى ئازاد قىلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر