ئەزەربەيجان بەزى نۇقتىلارنى كونترول ئاستىغا ئالدى
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى لاچىن ۋىلايىتىگە قاراشلىق جاگازور ۋە زەبۇخ يېزىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بەزى نۇقتىلارنى كونترول ئاستىغا ئالدى.
1967405
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى يېڭى لاچىن يولىنىڭ ئېچىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى ئېگىزلىكلەر ۋە چېگرا بويىدىكى كەڭ رايونلارنى (ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى) كونترول ئاستىغا ئالغان.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «لاچىن ۋىلايىتىگە قاراشلىق جاگازۇر ۋە زەبۇخ يېزىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ ساندىكى ئېگىزلىكلەر، چوڭ ۋە تارماق يوللار، ھەمدە چېگرا بويىدىكى كەڭ رايونلار كونترول ئاستىغا ئېلىندى.»