ئەزەربەيجان قاراباغدىكى ئەرمېنىيە جامائىتى ۋەكىللىرىگە تەكلىپ سۇندى
ئەزەربەيجان قاراباغدىكى ئەرمېنىيە جامائىتى ۋەكىللىرىگە باكۇدا يىغىن چاقىرىپ، رايوندىكى بىر گەۋدىلىشىش ۋە ئۇل-ئەسلىھە لايىھەلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپى سۇندى.
1965523
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1 – مارت كۈنى خوجالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ ۋە 13 – مارت كۈنى سۇنۇلغان تەكلىپنىڭ داۋامى سۈپىتىدە، ئەرمېنىيە جامائىتى ۋەكىللىرىگە 4 – ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە باكۇدا يىغىن ئۆتكۈزۈش تەكلىپى سۇنۇلغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، يىغىندا ئەرمېنىيە جامائىتىنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن بىر گەۋدىلىشىشى ۋە قاراباغدىكى ئۇل- ئەسلىھە لايىھەلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئەزەربەيجان دائىرىلىرى 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى خوجالى رايونىدا ۋاقىتلىق تۇرۇشلۇق رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتابىدا، ئەرمېنىيە جامائىتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەنىدى.
ئەزەربەيجان 13-مارت كۈنى كېلەر قېتىملىق يىغىننىڭ باكۇدا ئۆتكۈزۈلۈشى توغرۇلۇق تەكلىپ سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەكلىپ قوبۇل قىلىنمىغانىدى.