مايا ساندۇ گاگاۋۇز ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلدى
مولدوۋا پىرېزىدېنتى مايا ساندۇ دۆلىتىگە قاراشلىق گاگاۋۇز ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىپ، كۆچەت تىكتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مولدوۋا پىرېزىدېنتلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ساندۇ گاگاۋۇز ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاۋدارما يېزىسىنى زىيارەت قىلغان.
مولدوۋا پىرېزىدېنتى مايا ساندۇ پىرېزىدېنتلىق خادىملىرى، كومرات دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە يېزا ئاھالىلىرى بىلەن «يەر ۋاقتى» پائالىيىتى دائىرىسىدە كۆچەت تىككەن ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشنىڭ دۇنياۋى مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ساندۇ مۇنداق دېگەن: «كەلگۈسى يىللاردا دۆلەت مىقياسىدا كۆچەت تېكىش بىزگە نىسبەتەن ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم ئىشتۇر، ھەر بىرىمىز ئاددىي، ئەمما مۇھىم ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تەبىئىي مۇھىتنى ياخشىلاشقا تۆھپە قوشالايمىز»
پائالىيەت دائىرىسىدە 5 مىڭدىن ئارتۇق كۆچەت تىكىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
گاگاۋۇز ئاپتونوم رايونىنىڭ باشلىقى ئىرىنا ۋلاخ ساندونىڭ ئۇنىڭغا رايوننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەر بەرمىگەنلىكىنى ۋە بۇنى خەۋەرلەردىن بىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەزەربەيجاندا خاتاي تائاملىرى تونۇشتۇرۇلدى
ئەزەربەيجاندا تۈركىيە تائاملىرى ھەپتىلىكى پائالىيىتى دائىرىسىدە، خاتاي تائاملىرى تونۇشتۇرۇلدى.