«‹TRT Avaz› قانىلى» نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس پىروگرامما تارقىتىدۇ

نورۇز بايرىمى ۋە «‹TRT Avaz› قانىلى» نىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ 14 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «‹TRT Avaz› قانىلى» دا مەخسۇس پىروگرامما تارقىتىلىدۇ.

1962684
«‹TRT Avaz› قانىلى» نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس پىروگرامما تارقىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى (TRT) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، «‹TRT Avaz› قانىلى» نىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، قېرىنداشلىقى ۋە ياردەملىشىش تۇيغۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان «تۈرك دۇنياسى 2023 – يىللىق نورۇز بايرىمىنى بىر گەۋدە ھالىتىدە تەبرىكلىمەكتە» تېمىلىق مەخسۇس پىروگراممىسى، ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11 دىن ئېتىبارەن نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىكەن.

پىروگرامما تۈرك دۇنياسىنىڭ تۈركىيەنى قوللىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئەزەربەيجان، شىمالىي ماكېدونىيە ۋە ئىراقنىڭ كەركۈك رايونىدىن مېھمانلار نەق مەيدان ئۇلىنىپ ئىشتىراك قىلىدىغان پىروگراممىدا، تۈرك دۇنياسىنىڭ يەر تەۋرەش رايونىدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، نورۇز بايرىمىغا ئائىت ئۇچۇرلار بېرىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر