پۇتىن بىلەن ئەلىيېۋ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
1961106

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ئەلىيېۋ بىلەن پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ تېلېفونلىشىپ، رۇسىيە – ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئۈچ تەرەپ رەھبەلىرىنىڭ ئورتاق خىتابنامىسىدە كۆرسىتىلگەن <جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ئەمەلىي چارە – تەدبىرلىرى> توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا كۆرستىلىشىچە، پۇتىن بىلەن ئەلىيېۋ رايوننىڭ قاتناش، ئەشيا ئوبورۇتى ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

قازاقىستاندا ئىسمائىلوۋ قايتا باش مىنىستىر بولدى
قازاقىستاندا ئەلىخان ئىسمائىلوۋ ھۆكۈمەت باشلىقلىقىغا قايتا تەيىنلەندى.