فۇئات ئوكتاي خەلقئارانى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي ھەر قايسى تەرەپلەرنى قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي پايتەخت ئەنقەرەدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئۈنال ئۈستەل بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
فۇئات ئوكتاي تۈركىيەنىڭ ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا، ھەم خەلقئارا سەھنىدىكى ئادالەت كۈرىشىدە ھەر دائىم قىبرىس تۈركلىرىنى قوللىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قىبرىس تۈركلىرى بىلەن ئەزەلى ۋە ئەبەدىي رىشتىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، قايغۇ ۋە خۇشاللىقتىمۇ بىر بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئوكتاي ئانا ۋەتەن تۈركىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن قىبرىس تۈركلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز خەلقئارا سەھنىدىكى ئادالەت كۈرىشىدە قىبرىس تۈركلىرى ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېنىدىمىز. تارىخ قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇق، مەنپەئەتلىرىنى كۆرمەسكە سالغان ھەر قانداق ئۇسۇلنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى ئىسپاتلىدى. قىبرىس تۈرك خەلقى 1963 – يىلىدا رۇم تەرەپ ئۆز قولى بىلەن يوق قىلغان قىبرىس جۇمھۇرىيىتىنىڭ باراۋەر قۇرغۇچىسى ۋە باراۋەر شېرىكىدۇر. دۆلىتىمىز بۇ ھەقىقەتنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئارالدا ئەتراپلىق سىياسەت يۈرگۈزمەكتە ھەمدە ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ئىككى تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى باراۋەرلىكى ۋە باراۋەر خەلقئارا ئورنى ئاساسىدىكى تەسەۋۋۇرنى تولۇق قوللاپ كەلمەكتە. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن <ھازىرلا ۋە دەرھال!> دېيىش ئارقىلىق بۇ يەردىن يەنە بىر قېتىم بۇ ھەقىقەتلەرنى كۆرۈشكە، بارلىق تەرەپلەرنى قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.