ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 6.1 بال يەر تەۋرىدى
خىتاي دائىرىلىرى ئاقسۇدىكى يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ھەدىسسى كۆرۈلگەن - كۆرۈلمىگەنلىكى ياكى مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغان - ئۇچرىمىغانلىقى ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي يەر تەۋرەش تورى مەركىزىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەتىگەندە يۈز بەرگەن 6.1 بال يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق شايار ناھىيەسى ئىكەن.
يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 50 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ئادەم ئۆلۈش ھەدىسسى كۆرۈلگەن كۆرۈلمىگەنلىكى ياكى مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغان- ئۇچرىمىغانلىقى ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.
يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ موللىقى بىلەن تونۇلغان رايوندا، يەر تەۋرەشتە، ئېلېكتر تورى، نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە نېفىت-خىمىيە ئەسلىھەلىرىگە زىيان يەتمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى، ئەمما پۇقرالارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى يەر تەۋرەشنىڭ 5.7 بال بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.