تۈركىيە، رۇسىيە ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ دۆلىتىنىڭ ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.
1938803

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «مەن بۈگۈن تېھراندىكى ئەلچىخانىمىزغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. ئەلچىخانا ۋە ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش يولىدا شېھىت بولغان ئورھان ئەسكەروۋنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.