جەيخۇن بايراموۋ بىلەن سېرگېي لاۋروۋ لاچىندىكى نامايىشلارنى مۇزاكىرىلەشتى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، لاۋرو بىلەن بايراموۋنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1934270
جەيخۇن بايراموۋ بىلەن سېرگېي لاۋروۋ لاچىندىكى نامايىشلارنى مۇزاكىرىلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ ئەزەربەيجاننىڭ مۇھىت ئاسراش ئاممىۋى تەشكىلات ئەزالىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ لاچىن كارىدورىدا كان ئېچىشقا قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشلىرىنى مۇزاكىرەلەشتى.

بايراموۋ رۇسىيە قىسىملىرى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەزەربەيجان زېمىنىدا، كانلارنىڭ قانۇنسىز ئېچىلىشىغا قارشى نامايىش قىلىشنىڭ، ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، نامايىشچىلارنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرىنىڭ چوقۇم ئورۇندىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بايراموۋ: «لاچىن كارىدورى ئەزەربەيجان تەرىپىدىن تاقاپ قويۇلدى، ئەزەربەيجاندا ياشايدىغان ئەرمەنلەر قورشاۋدا قالدى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى پەيدا قىلدى» دېگەن سۆز- چۆچەكلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «لاچىن يولىدىن ھەر كۈنى رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ، خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە تەۋە ئونلىغان ئاپتوموبىلللار ھەمدە ئەرمېنىيەگە تەۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۆتۈۋاتقانلىقى، ئەرمېنىيەنىڭ تارقىتىۋاتقان يالغانلىرىنى يوققا چىقاردى» دېدى.

بايراموۋ ئۆزلىرىنى ئەزەربەيجاندا ياشايدىغان ئەرمەنلەرنىڭ «ۋەكىلى» دەپ تونۇشتۇرۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ، خەلقنىڭ يولدىن پايدىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، «سۈنئىي قورشاۋ» ۋە «ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى»  تەسرى پەيدا قىلىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلىىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر