ئەلىيېۋ: بىزنىڭ نىشانىمىز قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزەربەيجاننىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە يوشۇرۇن كۈچىنىڭ تەخمىنەن 200 گىگاۋاتقا يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1933480
ئەلىيېۋ: بىزنىڭ نىشانىمىز قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ: «بىزنىڭ ھازىرقى نىشانىمىز قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە» دېدى.

ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزابىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق ھەپتىلىكى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئەزەربەيجاننىڭ بۇ ساھەدە زور يوشۇرۇن كۈچى بارلىقىنى، شۇڭا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ئارقىلىق ئېكسپورتنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، مۇھىت ئاسرايدىغان ئىقتىساد كەسپىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ ئەزەربەيجاننىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە يوشۇرۇن كۈچىنى تىلغا ئېلىپ: «قۇرۇقلۇقتا 27 گىگاۋات شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى، ئازاد قىلىنغان زېمىنىمىزدا 10 گىگاۋات شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى ، كاسپىي دېڭىزىنىڭ ئەزەربەيجان رايونىدا 157 گىگاۋات شامال كۈچى بار. شۇڭا، بىزدە 200 گىگاۋات ئەتراپىدا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە يوشۇرۇن كۈچى بار. بىز ئېكسپورت لىنىيەسىگە موھتاج. بىز بۇ تۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى قەدەممۇقەدەم يولغا قويۇۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ تۈنۈگۈن (15-يانۋار) ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ماسدار شىركىتى بىلەن ئەزەربەيجان دۆلەت نېفىت شىركىتى سوكار (SOCAR) ئوتتۇرىسىدا 4 گىگاۋاتلىق شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ ھازىرچە قىسقا مۇددەتلىك لايىھە. ئوتتۇرا مەزگىللىك لايىھەلەرنىڭ نەتىجىسىدە، توك 10 گىگاۋاتقا يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان لايىھە. بىزنىڭ پىلان-لايھەلىرىمىزمۇ تەييار. ماسدار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز ئەزەربەيجاننى ئىنتايىن مۇھىم يېشىل ئېنېرگىيە ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتكە ئايلاندۇرىدۇ.»

ئەزەربەيجاننىڭ خەلقئارا ئېنېرگىيە شىركەتلىرى بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىملىرى نەتىجىسىدە، تەخمىنەن 22 گىگاۋات شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەزەربەيجاندا ناھايىتى ئاكتىپ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بار، بىز نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىگە زور مەبلەغ جەلپ قىلدۇق، ھازىر بىزنىڭ نىشانىمىز قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە. بىزنىڭ چوڭ پىلانلىرىمىز بار، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر