تۈركىيە - ئەزەربەيجان ئارمىيەلىرى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەزەربەيجاندا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، كېچىدە ۋەزىپە ئۆتەش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.
1915190

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزلىرى بىلەن قارشىلاشقان سىمۋول خاراكتېرلىك دۈشمەن كۈچلىرى ۋە ئاپتوموبىللىرىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھەر قايسى قىسىملارنىڭ ئۇرۇش جەريانىدا ماسلىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى ياخشىلاش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش نىشان قىلىنغان بىرلەشمە مانېۋىر جەريانىدا، ئەسكەرلەرنىڭ ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەدە ماھارەتلىرىنى نامايان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەزەربەيجان ئىراننىڭ جاسۇسلۇق تورىغا ئەجەللىك زەربە بەردى
ئەزەربەيجاندا ئىراننىڭ جاسۇسلۇق تورىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 39 كىشى قولغا ئېلىندى.