تۈركىيە ئۈرۈمچىدىكى ئېچىنىشلىق ۋەقە ھەققىدە خىتايدىن ئىزاھات تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە 24-نويابىر (2022) يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرىدىن ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

1911429
تۈركىيە ئۈرۈمچىدىكى ئېچىنىشلىق ۋەقە ھەققىدە خىتايدىن ئىزاھات تەلەپ قىلدى
Urumçi.jpg
urumçi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغانلار بارلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈزىسىدىن تۈركىيەنىڭ تەزىيە تىلەكلىرىنى يوللايدىغانلىقى ۋە يارىلانغانلارغا بالدۇرراق  شىپالىق تىلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە: «ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئاممىغا چۈشەندرۈرۈش بېرىلىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېيىىلدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەر تەمىنلىگەن باياناتتا، «تۈركىيە خىتاي دائىرىلىرىدىن ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىزاھات تەلەپ قىلدى» دېيىلدى.

24-نويابىر (2022) ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە كارانتىنا ئاستىدا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر تۇرالغۇ بىناسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، 10 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن تۇرالغۇدا تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ كارانتىنا سەۋەبىدىن ئۆيلىرىدىن سىرتقا چىقالمىغانلىقى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ تۆمۈر توسۇقلار بىلەن قورشالغان تۇرالغۇ بىناسىغا كىرمىگەنلىكى ۋە ئوتنىڭ ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن قاتتىق نارازىلىق قوزغىلىپ، نامايىشقا ئايلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر