تۈركىيە قىسىملىرى ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 22 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 22 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
1911424

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ غا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ ئىراقنىڭ ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، ئىراقنىڭ شىمالىدا 10 تېررورچى ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 12 تېررورچى بولۇپ، جەمئىي 22 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى تەكىتلىنىپ، «مەيلى قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ ئىپلاسلاردىن شېھىتلىرىمىزنىڭ ھېسابىنى ئالىمىز ۋە ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. شەھىدلىرىمىزنى ھۆرمەت ۋە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش بىلەن ئەسلەيمىز» دېيىلدى.