توقايېۋنىڭ پىرېزىدېنتلىقى جەزملەشتى

قازاقىستاننىڭ نۆۋەتتى پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %81.31 نى قولغا كەلتۈردى.

1909452
توقايېۋنىڭ پىرېزىدېنتلىقى جەزملەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان مەركىزى سايلام كومىتېتى، 20-نويابىر قازاقىستاندا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ جەزملەشكەن نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلاندا، توقايېۋ ئالتە نامزات رىقابەتلەشكەن سايلامدا، ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %81.31 ىنى قولغا كەلتۈرۈپ قايتىدىن سايلانغان.

تىزىمغا ئالدۇرغان تەخمىنەن 12 مىليون سايلىغۇچىنىڭ 8 مىليون 300 مىڭى بېلەت تاشلىغان سايلامدا، 6 مىليون 456 مىڭ 393 كىشى نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت توقايېۋغا بېلەت تاشلىغان.

باشقا كاندىداتلار ئىچىدە جىگۇلى دەيرابايېۋ %3.42 (271 مىڭ 641 كىشى)، قاراقات ئابدەن %2.60 (206 مىڭ 206 كىشى)، مەيرام كاجىكېن %2.53 (200 مىڭ 907 كىشى)، نۇرلان ئاۋسبايېف %2.22 (176 مىڭ كىشى) ۋە سالتانات تۇرىسبېكوۋا %2.12 (168 مىڭ 731 كىشى) بېلەتكە ئېرىشتى.

بۇنىڭدىن باشقا، سايلىغۇچىلارنىڭ 5.8 پىرسەنتى (460 مىڭ 484 ئادەم) بۇ قېتىمقى سايلامدا تۇنجى قېتىم «ھەممىگە قارشى تۇرۇش» كاتېگورىيەسىدە بېلەت تاشلىغان.

توقايېۋ 26-نويابىر پايتەخت ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر