نيۇيوركتا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 39 - يىللىقى تەبرىكلەندى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 39 - يىللىقى ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق  تۈرك ئۆيىدە ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن تەبرىكلەندى.

1909348
نيۇيوركتا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 39 - يىللىقى تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى نيۇيورك ۋەكىلى مەھمەت دانا مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، قىبرىستىكى بىردىنبىر تىرىشچانلىقىمىز تىنچ ۋە بىخەتەر ياشاش ئۈچۈن مۇستەقىللىقىمىزغا ھۆرمەت قىلىنىشىدۇر» دېدى.

قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمدى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مەھمەت دانا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېقىندا خەلقئارا جەمئىيەتتە تېگىشلىك ئورنىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەھمەت دانا قىبرىس تۈركلىرىگە قارىتا يولغا قويۇلغان قانۇنسىز ۋە ئىنسانىيەتكە خىلاپ يېتىم قالدۇرۇشلارغا پىسەنت قىلماستىن، بۇ يىل تەخمىنەن 2 مىليون كىشىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈپ، 140 دۆلەتتىن كەلگەن 100 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە بىلىم ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

مەھمەت دانا قىبرىس تۈرك خەلقىنى پارلاق بىر كەلگۈسىنىڭ كۈتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى فېرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ، نيۇ-يورك باش كونسۇلى رەيخان ئۆزگۇر، چەتئەللەرنىڭ دىپلوماتىك ۋەكىللىرى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە تۈركىيە ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر