تۈركىيە قازاقىستاندىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە قازاقىستاندا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ تىنچ ئاخىرلاشقانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1908599
تۈركىيە قازاقىستاندىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە 2022 - يىلى 20 - نويابىر مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ تىنچ ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىدىن خۇشالمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان تارىخىي رىشتىلەرگە ۋە ئىنتايىن قويۇق مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە بولغان قازاقىستاننىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن مۇقىملىقىغا زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، سايلام نەتىجىسىنىڭ دوست ۋە قېرىنداش قازاقىستان خەلقى ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، قازاقىستان سايلام كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا قاسىم جومەرت توقايېۋ %81.31 بېلەت بىلەن قايتىدىن غەلىبە قىلغان.

قازاقىستاندا تەخمىنەن 12 مىليون سايلىغۇچى  بولۇپ، تۈنۈگۈن (20-نويابىر) خەلق 7 يىل بويىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان پىرېزىدېنتنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلىغان ئىدى.

سايلامنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنىڭ 27 - نويابىردا ئېلان قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر