قازاقىستاندا مۇدەتتىن ئىلگىرىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن بېلەت تاشلاش باشلاندى

قازاقىستاندا ھازىرقى پىرېزىدېنت قاسىم جومەرت توقايېۋ قاتارلىق 6 نامزات رىقابەتكە چۈشكەن مۇدەتتىن ئىلگىرىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن بېلەت تاشلاش باشلاندى.

1908337
قازاقىستاندا مۇدەتتىن ئىلگىرىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن بېلەت تاشلاش باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان خەلقى كەلگۈسى 7 يىل بويىچە  دۆلەتنى باشقۇرىدىغان پىرېزىدېنتنى سايلاش ئۈچۈن بۈگۈن بېلەت تاشلايدۇ.

مەملىكەت مىقياسىدا قۇرۇلغان 10 مىڭدىن ئارتۇق ساندۇققا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 07:00 دە باشلاندى.

قازاقىستاننىڭ نوپۇسى 19 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۈگۈن 11 مىليون 950 مىڭ 485 نەپەر تىزىمغا ئېلىنغان سايلىغۇچى بېلەت تاشلايدۇ.

بېلەت ساندۇقى شۇ كۈنى ئالدى بىلەن قازاقىستاننىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىدا ئېچىلىدۇ.

بېلەت تاشلاش كەچ سائەت 20:00 دە ئاخىرلىشىدۇ.

دەسلەپكى نەتىجىسى ئەڭ كېچىككەندە ئەتە ئېلان قىلىنىدۇ، ئاخىرقى نەتىجە بولسا، 27 - نويابىرغىچە ئېلان قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر