تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ «سەمەرقەنت خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى

تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ سەمەرقەنت خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى.

1905622
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ «سەمەرقەنت خىتابنامىسى» ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىرى ئىمزالىغان سەمەرقەنت خىتابنامىسىدە، رەھبەرلەرنىڭ ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشكە ۋەدە بەرگەنلىكى تەكىتلەندى.

خىتابنامىدە،  رەھبەرلەرنىڭ، تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئوينىغان مۇھىم رولى، ئىلمىي، مەنىۋى ياكى دىنىي زاتلار ۋە مائارىپچىلارغا قۇچاق ئاچقان بولۇشى، تۈرك دۇنياسىنىڭ سىياسىي، سودا، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت مەركىزى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان بولۇشى قاتارلىقلارنى نەزەردە تۇتۇپ، سەمەرقەنتنى «تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى» قىلىپ بېكىتىلگەنلىكلىرى قەيت قىلىنىپ، قىبرىس تۈركلىرىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارايدىغانلىقلىرى ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزالىق سالاھىيىتىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقلىرى تەكىلەندى.

تۈرك خەلقلىرى بىلەن بولغان ئورتاق تارىخ، تىل، مەدەنىيەت، ئەنئەنە ۋە قىممەت قاراشلاردىن پايدىلىنىپ، ئاسىيا قىتئەسى بىلەن سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ساھەسى مۇناسىۋەتلىرىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تۈركىيەنىڭ، «قايتىدىن ئاسىيا» تەشەببۇسىنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، كەڭ خەلقئارالىق ھەمكارلىق ۋە ئىنسانىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى قوللاشنى نىشان قىلغان ئورتاق بىخەتەرلىك ۋە گۈللىنىش ئۈچۈن، سەمەرقەنت ھەمكارلىق پىلانىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋنىڭ 2023 – يىلىنى «تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىش يىلى» دەپ ئېلان قىلىش تەكلىپىنىڭ مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئېلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 10 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ 2023 – يىلى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، يەنە بىر قېتىملىق يىغىنغىچە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىڭ ئۆزبېكىستانغا ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر