ئەزەربەيجاندا «بايراق كۈنى» تەبرىكلەنمەكتە
ئەزەربەيجاندا «دۆلەتلىك بايراق كۈنى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «بايراق كۈنى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە «ھازار دېڭىزى» ساھىلىدىكى دۆلەت باغچىسىدا تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت مارشى ئوقۇلدى.
خور ئۆمەكلىرىنىڭ ئەزەربەيجان مىللىي مارشىنى ياڭرىتىشى بىلەن باشلانغان پائالىيەتتە، كۆك يۈزىگە ئەزەربەيجان بايرىقىنىڭ رەڭلىرىدىن تەشكىل تاپقان شارلار قويۇپ بېرىلدى.
ئۈچ رەڭدىن تەشكىل تاپقان ئەزەربەيجان بايرىقى 1918 – يىلى 9 – نويابىر كۈنى ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى يىغىنىدا قوبۇل قىلىنغانىدى.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ئەزەربەيجان، جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە قوبۇل قىلىنغان بايراقنى 1991 – يىلى تەكرار مىللىي بايراق قىلىپ بېكىتكەنىدى.
ئەزەربەيجاندا 2009 – يىلى 9 – نويابىر كۈنى پىرېزىدېنت قارارنامىسىغا ئاساسەن «دۆلەتلىك بايراق كۈنى» ۋە رەسمىي بايرام ئېلان قىلىنغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەرمېنىيە تۆت يېزىسىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى
ئەرمېنىيە 1-قاراباغ ئۇرۇشىدا ئىشغال قىلىۋالغان 4 يېزىنى ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قوبۇل قىلدى.