ئەردوغان ئەزەربەيجاندا بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەزەربەيجاندا بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

1895193
ئەردوغان ئەزەربەيجاندا بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، ئەردوغاننىڭ ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئازاد قىلىنغان زېمىنلىرىغا تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭمۇ تۆھپىسى بىلەن سېلىنغان ئىككىنچى ئايرودورۇم <زەنگىلان خەلقئارا ئايرودورۇمى> نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى ھەمدە رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن باشلانغان لايىھىلەرگە ئۇل سالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

زىيارەت جەريانىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە - ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كۆچۈرىلىشى ۋە ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلىشى ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردىن باشقا يەنە، رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇلىىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر