ئەلىيېۋ: ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىلىشىنى خالايمىز

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ رايوندا ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشىنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1892670
ئەلىيېۋ: ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىلىشىنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا چاقىرىلغان 6 – نۆۋەتلىك ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى  باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئوچۇق قىسمىدا سۆز قىلغان ئەلىيېۋ، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «رايوندا ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىلىشىنى خالايمىز. تىنچلىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك پىكىر – تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، دەپ ئويلايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر