ئەردوغان قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستاناغا قاراپ يولغا چىقتى

ئەردوغان تۈركىيە-قازاقىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

1891636
ئەردوغان قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستاناغا قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە-قازاقىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك يىغىنى بىلەن ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 6 - نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستاناغا قاراپ يولغا چىقتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان قازاقىستاندا تۈركىيە-قازاقىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك يىغىنىغا قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ بىلەن بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

ئالاقىدار مىنىستىرلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان كېڭەش يىغىنىدا، تۈركىيە-قازاقىستان مۇناسىۋىتى ھەرقايسى جەھەتتىن تولۇق كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، كۈچەيتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىمكانىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارلىق مەسىلىلەر، شۇنداقلا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيادىكى ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك يىغىنىدا بولسا، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىغا خىتاب قىلىدۇ ھەمدە ئۆزئارا ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر