توقايېۋ ئەردوغانغا دوستلۇق ئوردېنى تەقدىم قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قازاقىستان پىرېزىدېنتى جۆمەرت توقايېۋنىڭ ئاقئوردا پىرېزىدېنتلىق سارىيىدىكى ئايرىم كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

1892035
توقايېۋ ئەردوغانغا دوستلۇق ئوردېنى تەقدىم قىلدى
erdogan-tokayev dostluk madalyasi.jpg
erdogan-tokayev1.jpg
erdogan-tokayev.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۆرۈشۈشتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى بارلىق تەرەپلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ بۇ يۇقىرى سەۋىيەسى، خەلقلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى تىل، دىن رىشتىلىرىدىن كۈچ ئالماقتا. تۈركىيە قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت» دېدى.

ئۇ قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېۋنىڭ ماي ئېيىدىكى (2022) تۈركىيە زىيارىتىدە 14 كېلىشىم ئىمزالىغانلىقلىرىنى خاتىرىلىتىپ، بۈگۈنمۇ (12-ئۆكتەبىر) ئالتە كېلىشىم ئىمزالانغانلىقلىرىنى، مەزكۇر كېلىشىملەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئوتتۇرا كارىدورنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا قاتناش ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىكى ئالاقىلىرىمىزنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. تۈرك دۇنياسىنىڭ بېرلىشىشى ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنى تاشلايمىز. توقايېۋنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھاتلار قېرىنداش قازاق خەلقىنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە پاراۋانلىقىغا ھەسسە قوشىدۇ. بۇ تىرىشچانلىقلارنى يېقىندىن قوللايمىز. قازاقىستان بىلەن بولغان ئۆزئارا ھەمكارلىق ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. رايون ۋە دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەر، تۈرك دۇنياسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يېقىن ھەمكارلىقلىرىمىزنى ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. تەرەققىي قىلغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكىمىز بولغان قېرىنداش قازاقىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە، مۇقىملىقىغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە پاراۋانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىمەن.»

يىغىن جەريانىدا، قازاقىستان پىرېزىدېنتى توقايېۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا «1-دەرىجىلىك دوستلۇق ئوردېنى» تەقدىم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر