قازاقىستان بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا «بايانات» كىرىزىسى يۈز بەردى
قازاقىستان، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋانىڭ باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى...
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋانىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «باراۋەر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق روھىغا ماس كەلمەيدىغان» باياناتلىرى سەۋەبىدىن، رۇسىيەنىڭ ئاستانەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكسېي بوروداۋكىن بىلەن «قاتتىق ئۇچرىشىش» ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، رۇسىيە باش ئەلچىسىنىڭ تۈنۈگۈن مىنىستىرلىققا چاقىرتىلغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىدا: «باش ئەلچى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي ۋەكىلى زاخاروۋانىڭ <باراۋەر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق روھىغا ماس كەلمەيدىغان> باياناتى توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. ئۇچرىشىش ناھايىتى قاتتىقتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، قازاقىستاندا بىر يوتىيۇب قانىلىغا: «بىز ھازىر رۇسلارنى قانچە كۆپ ئۆلتۈرسەك، بالىلىرىمىز ئۇلارنى شۇنچە ئاز ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ» دېگەن ئۇكرائىنانىڭ ئاستانەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پېتېر ۋرۇبلېۋىسكىينىڭ دەم ئېلىشتىن كېيىن يەنە ئاستانەدە پەيدا بولۇپ، رەسمىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، قازاقىستاننىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يەرمەك كوشەرربايېۋنىڭ مىنىستىرلىككە چاقىرتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئايبەك سمادىيوروۋمۇ زاخاروۋانىڭ بايانات ئۇرغۇسىنىڭ قازاقىستان بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، رۇسىيە باش ئەلچىسىنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
سمادىيوروۋ، ئۇكرائىنا تەرەپكە باش ئەلچىنىڭ بايانلىرىنىڭ قازاقىستاندا ياشايدىغان رۇسلارغا نىسبەتەن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان سۆزلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكلىرىنى، يېڭى باش ئەلچى تەيىنلىنىپ بولغۇچە پېتېر ۋرۇبلېۋىسكىينىڭ ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.