توكايېۋ: قازاقىستاندا ئولىگارخ كاپىتالىزم دەۋرى ئاخىرلاشتى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ، دۆلىتىدە يېڭى بىر سىياسىي دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

1888766
توكايېۋ: قازاقىستاندا ئولىگارخ كاپىتالىزم دەۋرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توكايېۋ قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ كانچىلىق ۋە سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان قاراگاندى ئۆلكىسىدە خىزمەت زىيارىتىدە بولدى؛ ئۇ رايون خەلقى بىلەن ئۇچراشقاندا قىلغان سۆزىدە، دۆلەتنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق چوڭ كانچىلىق شىركەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەبلەغنىڭ قانۇنسىز شەكىلدە چەت ئەلگە ئېقىشىغا يول قويمايمىز. ئۇلار يولغا قويغان بارلىق ئىجتىمائىي پىروگراممىلارنىمۇ تەكشۈرۈپ تۇرىمىز» دېدى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى توكايېۋ، يېڭىلانغان ئاساسىي قانۇن بىلەن بىرلىكتە قازاقىستاندا يېڭى سىياسىي دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «قازاقىستاندا ئولىگارخ كاپىتالىزم دەۋرى ئاخىرلىشىپ، دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ئالدىدىكى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت دەۋرى يېتىپ كەلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر