ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كەلبەجەر ۋە توۋۇزدىكى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

1887990
ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «3 -  ئۆكتەبىر كەچ تەرەپلەردىن تارتىپ 4-ئۆكتەبىر ئەتىگەنگىچە، ئەرمېنىيە قىسىملىرى، ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە دۆلەت چېگراسىدىكى كەلبەجەر ۋىلايىتىنىڭ زىۋەل، زەيلىك ۋە ئىستىسۇ، توۋۇز ۋىلايىتىنىڭ ئاغدام ۋە گارالار ئولتۇراق رايونلىرىدىكى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. ئەزەربەيجان ئارمىيەسىمۇ ئەرمېنىيە تەرەپكە تېگىشلىك  جاۋاب قايتۇردى. ۋەزىيەتنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىش جاۋابكارلىقىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي رەھبەرلىكىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر