موستارنىڭ شىمالىي بىلەن جەنۇبىنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيولنى تۈركىيە شىركىتى ياسايدىغان بولدى

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ جەنۇبىدىكى موستاردا تۈركىيە شىركىتى تاشيول لايىھەسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

1884905
موستارنىڭ شىمالىي بىلەن جەنۇبىنى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيولنى تۈركىيە شىركىتى ياسايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت سارايېۋۇدىكى بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا فېدېراتسىيەسى (FBIH) تاشيوللارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىناسىدا تاشيول لايىھەسى دائىرىسىدە، موستارنىڭ شىمالىي بىلەن جەنۇبىنى تۇتاشتۇرىدىغان يول ياساش لايىھەسى توغرىسىدا تۈركىيەنىڭ «يۈكسەل لايىھە شىركىتى» بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا فېدېراتسىيەسى تاشيوللارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، ياسىلىدىغان يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 14.2 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى، بۇ لايىھە دائىرىسىدە يول بۆلىكى، يول ئېغىزى، 5 تونېل ۋە 10 توك يولىنىڭ ياسىلىدىغانلىقى ھەمدە قۇرۇلۇشنى 2023 - يىلى باشلاپ، 3 يىلدا تاماملاشنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر