ئەلىيېۋ لاچىننى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ 26-ئاۋغۇست ئەزەربەيجاننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن لاچىن شەھىرىنى زىيارەت قىلدى.

1883292
ئەلىيېۋ لاچىننى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ لاچىن شەھىرىدىكى زىيارىتى جەريانىدا سۆز قىلىپ: «ئەرمەنلەر لاچىننىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا قانۇنسىز ئولتۇراقلاشتى. سۈرىيە ۋە لىۋاندىن تېگى ئەرمەن كىشىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، قانۇنسىز ھالدا بۇ جايلارغا ئولتۇراقلاشتۇردى. بۇنداق قىلىش بارلىق خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەردە ئۇرۇش جىنايىتى دەپ بېكىتىلگەن. بۇ جىنايەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆز ئالدىدا سادىر قىلىندى.

دۇنيا جامائەتچىلىكى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، بۇ ئىشقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى — مىنسىكى گۇرۇھىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىقلىرى ئەرمېنىيەدىن قاراباغقا، قاراباغدىن ئەرمېنىيەگە بېرىپ – كېلىش جەريانىدا بۇ يەرگە ئاھالىلەرنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئەزەربەيجانغا تەۋە يەر ناملىرىنىڭ چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى، تارىخىي ئەزەربەيجان زېمىنى لاچىننىڭ ئەرمەنلەشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا كۆز يۇمدى. ئەزەربەيجان خەلقى بۇنى قوبۇل قىلمايتتى» دېگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيەنىڭ يېقىنقى ئايلاردا ئەزەربەيجانغا قارشى ئىغۋاگەرچىلىكلەرنى قىلغانلىقىنى، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقان بولۇشىغا قارىماي، رايونغا ئەرمەنلەرنىڭ مىنا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز بۇنىڭغا قەتئىي پۇرسەت بېرەلمەيمىز، بىز ئەرمىنىيەنى بۇنداق قىلىشتىن ۋاز كېچىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردۇق. نەتىجىدە، 13-سېنتەبىر بىزگە قارشى يەنە بىر قېتىم ئىغۋاگەرچىلىك قىلغاندا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئىنكاس قايتۇرۇپ، دۈشمەننى جايىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. مەن ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى ئۇلار بىزنى ھېچكىم ۋە ھېچقانداق نەرسىنىڭ توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى» دېگەن.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئەرمېنىيەنىڭ تىنچلىقنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە يەنىلا ئۆچ ئېلىش پىكىرلىرى بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ھېچكىمنىڭ چاقىرىقى، باياناتى، ھەرقانداق ئۇرۇنۇش بىزنى توسۇپ قالالمايدۇ. بىز زېمىنىمىزدىمىز، زېمىنىمىزنى قوغدايمىز» دېگەنلەرنى قەيت  قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر