ئەزەربەيجان يەنە 95 ئەرمەن ئەسكەرنىڭ جەسىتىنى ئەرمېنىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەردى

ئەزەربەيجان چېگرادىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەن يەنە 95 ئەرمەن ئەسكەرنىڭ جەسىتىنى ئەرمېنىيەگە تاپشۇرۇپ بەردى.

1882265
ئەزەربەيجان يەنە 95 ئەرمەن ئەسكەرنىڭ جەسىتىنى ئەرمېنىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەتلىك تۇتقۇن قىلىنغان، يوقاپ كەتكەن ۋە گۆرۈگە ئېلىنغان پۇقرالار كومىسسىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، 12 – 14 - سېنتەبىر كۈنلىرى يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا جېنىدىن ئايرىلغان ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەزەربەيجان ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسى خىزمەتچىلىرى، 95 ئەرمەن ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ، ھېچقانداق زوراۋانلىق قىلىش ئالامەتلىرىنى بايقىمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، جەسەتلەرنىڭ خەلقئارا قىزىل كىرىس ھىلال ئاي تەشكىلاتى ئارقىلىق ئەرمېنىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئەرمەن ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەزەربەيجان 17 – سېنتەبىردىمۇ ئەرمېنىيەگە 32 ئەسكەرنىڭ جەسىتىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، 12 - سېنتەبىر كەچتە ئەزەربەيجاننىڭ داشكەسەن، كەلبەجەر، لاچىن ۋە زاڭگىلان تەرەپلىرىدە ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى قوزغىشى نەتىجىسىدە توقۇنۇشلارنىڭ باشلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ 2 - قاراباغ ئۇرۇشى (2020)دىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ توقۇنۇشنى توختىتىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

توقۇنۇشتىن كېيىن، ئەزەربەيجان 79 ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسا، ئەرمېنىيە 207 ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر