ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى بىلەن باشلانغان توقۇنۇشلاردا ئۆلگەن تەخمىنەن 100 ئەرمەن ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1880142
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئەزەربەيجان ئەسىرگە چۈشكەن، يوقاپ كەتكەن ۋە گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان پۇقرالار دۆلەت كومىتېتى ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، 12-13سېنتەبىردە (2022) ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىكلەرنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنغانلىقى خاتىرىلىتىلدى.

باياناتتا، ئىغۋاگەرچىلىكلەر نەتىجىسىدە، ئەزەربەيجاننىڭ خەلقئارا ئىنسانىي قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئەرمېنىيەگە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىق قىلىندى. ئۆلگەن تەخمىنەن 100 ئەرمېنىيە ئەسكىرىنىڭ جەسەتلىرىنى قارشى تەرەپكە تاپشۇرۇپ بېرىشنىڭ تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.»

باياناتتا، خەلقئاراغ قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگىمۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 12-سېنتەبىر كېچىسى (2022) ۋە 13-سېنتەبىر ئەتىگەندە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجان چېگراسىدىكى داشكەسەن، كەلبەسەر، لاچىن ۋە زەنگىلان يۆنۈلۈشىدە ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقىنى، نەتىجىدە 50 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىمۇ ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى توختىتىش ۋە توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىپ، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە جاۋاب قايتۇرغان، نەتىجىدە ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان ئەرمېنىيە ئارمىيەسىدە ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلگەندىن باشقا، ھەربىي بازىلىرىمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر