ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە قىسىملىرى چېگرادا كەسكىن توقۇنۇشتى

ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە چېگراسىدا ئىككى دۆلەت ئارمىيە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن توقۇنۇش باشلاندى.

1879201
ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە قىسىملىرى چېگرادا كەسكىن توقۇنۇشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن (2022-يىلى 12-سېنتەبىر) كەچتە ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ چېگرادىكى دەشكەسەن، كەلبەجەر ۋە لاچىن يۆنۈلۈشلىرىدە كەڭ كۆلەملىك ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ باسارگەچەر، ئىستىسۇ، كاراكىلىسە ۋە گورۇس ۋىلايەتلىرىدىكى نۇقتىلىرىدىن ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ داشكەسەن، كەلبەجەر ۋە لاچىن ۋىلايەتلىرىدىكى بەزى جايلارغا مىنامىيوت قاتارلىق ئوخشىمىغان قوراللار بىلەن توختىماي بومباردىمان قىلغانلىقى؛ نەتىجىدە ئەسكەرلەر ئارىسىدا ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى ۋە ھەربىي بازىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭمۇ ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى توختىتىش ۋە توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالغانلىقى، ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان ئەرمېنىيە ئارمىيەسىدە ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە ھەربىي بازىلىرىنىڭمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، توقۇنۇش ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەرگە پۈتۈنلەي يېرىۋان ھاكىمىيىتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، ئەرمېنىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكلىرىگە جاۋاب سۈپىتىدە ئېلىنغان تەدبىرلەرنىڭ يەرلىك خاراكېتىرىگە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە ھەربىي نۇقتىلارغا قارىتىلغانلىقى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئەرمېنىيە زېمىنلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر