ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقلىرىغا ئوق چىقاردى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىغا 19 قېتىم ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

1875399
ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقلىرىغا ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، چېگرا لىنىيەلىرىنىڭ كەلبەجەر ۋە لاچىن ۋىلايەتلىرى يۆنىلىشىدىكى ھەربىي نۇقتىلار، باسارگەچەر ۋە قاراكىلىس ۋىلايەتلىرىدىكى ئەرمېنىيە ھەربىي نۇقتىلىرى تەرىپىدىن قەرەللىك ھالدا ئۇدا 16 قېتىم ئوققا تۇتۇلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، رۇسىيە قىسىملىرى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشقان ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەلىرىدىكى قانۇنسىز ئەرمەن قوراللىق گۇرۇپپىلار، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىغا ئۇدا 3 قېتىم ئوق چىقارغان.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىدە ھەربىي خادىملار ۋە ئۈسكۈنىلەر زىيانغا ئۇچرىمىغان، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىمۇ ئەرمېنىيە  قىسىملىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر