قازاقىستان ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن ھەربىي ئىستىخبارات ھەمكارلىقى ئورنىتىش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى

قازاقىستان ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن ھەربىي ئىستىخبارات ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى.

1866625
قازاقىستان ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن ھەربىي ئىستىخبارات ھەمكارلىقى ئورنىتىش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان ھۆكۈمىتى قارارنامە ئېلان قىلىپ، 10-ماي تۈركىيە بىلەن ئىمزالانغان ھەربىي ئىستىخبارات ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

قارارنامەدە: «تەرەپلەر ئالاقىدار كېلىشىم دائىرىسىدە، ھەربىي ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇھاكىمە ۋە ئانالىزلىرىنى ئۆزئارا  ئالماشتۇرىدۇ؛ كېلىشىمگە تەرەپ دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان رايوندىكى ھەربىي ۋە سىياسىي ۋەزىيەتكە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەرنى نازارەت قىلىدۇ ۋە خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە باشقا تەشكىلاتلار ھەققىدە ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر