زېلېنسكىي: رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قىرىمنى ئازاد قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىشى كېرەك

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ قىرىمدىن باشلانغانلىقىنى ۋە چوقۇم قىرىمنى ئازاد قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1865902
زېلېنسكىي: رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قىرىمنى ئازاد قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان قىرىمدىكى رۇسىيەگە تەۋە نوۋوفېدورىۋكا ھەربىي ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي يېڭى بىر بايانات ئېلان قىلدى.

زېلېنسكىي ئۇرۇشنىڭ قىرىمدىن باشلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «قىرىم ئۇكرائىناغا تەۋەدۇر. بىز قىرىمدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز. رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قىرىمدىن باشلانغان ۋە چوقۇم قىرىمنى ئازاد قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىشى كېرەك» دېدى.

دونباس رايونىدا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش داۋاملىق كۈچەيمەكتە.

رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان قىرىمدىكى رۇسىيەگە تەۋە نوۋوفېدورىۋكا ھەربىي ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا تۈنۈگۈن ئۇدا 7 قېتىم پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان بولۇپ، پارتلاشتا 1 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

رۇسىيە قىسىملىرى 24 - فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر