ئەرمېنىيە تەرەپ ئەزەربەيجان ھەربىي ئورۇنلىرىغا ئوق چىقاردى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسى جايلاشقان ئورۇنلارغا 10 قېتىم ئوق چىقارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1865067
ئەرمېنىيە تەرەپ ئەزەربەيجان ھەربىي ئورۇنلىرىغا ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، چېگرانىڭ كەلبەجەر ۋە لاچىن ۋىلايىتى يۆنىلىشىدىكى رايونلارنىڭ، باسارگەچەر، قاراكىلىسە ۋە گورۇس ۋىلايەتلىرىدىكى ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ 6 قېتىملىق ئوق چىقىرىپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، رۇسىيە قىسىملىرى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىكى قانۇنسىز ئەرمېنىيە قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كەلبەجەر، گورانبوۋ ۋە فۇزۇلى ۋىلايەتلىرىدىكى ھەربىي ئورۇنلىرىغا تۆت قېتىم ئوق چىقارغانلىقى، ئەزەربەيجان تەرەپتە ھېچقانداق تالاپەت پەيدا قىلمىغان ھۇجۇمغا دەل ۋاقتىدا ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىلىق ئىنتىقام ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، يېقىندىن بۇيانقى ھەم چېگرا بويلىرىدا ھەم رۇسىيە قىسىملىرى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدا يۈز بەرگەن جىددىيچىلىكنىڭ پۈتكۈل جاۋابكارلىقىنىڭ ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر