ئەرمېنىيە ئەزەربەيجاننىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىنى ئوققا تۇتتى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىنى ئۇدا 12 قېتىم ئوققا تۇتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1864342
ئەرمېنىيە ئەزەربەيجاننىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىنى ئوققا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، چېگرا لىنىيەلىرىدىكى كەلبەجەر ۋە لاچىن ۋىلايەتلىرى يۆنىشلىرىدىكى ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ھەربىي نۇقتىلىرىنىڭ، باسارگەچەر ۋىلايىتىنىڭ نەرىمانلى ۋە زەركەنت ئولتۇراق رايونلىرىدا تۇرۇشلۇق ئەرمېنىيە ھەربىي نۇقتىلىرىدىن ئۇدا 3 قېتىم ئوققا تۇتۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، رۇسىيە قىسىملىرى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشقان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىكى قانۇنسىز ئەرمېنىيە قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئاغدام، خوجاۋەند ۋە خوجالى ۋىلايەتلىرى يۆنىلىشلىرىدىكى ھەربىي نۇقتىلىرىنى ئۇدا 9 قېتىم ئوققا تۇتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسىدە ھەربىي خادىملار ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئەزەربەيجان قىسىملىرىنىڭ  ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر